سۆز قالدۇرۇڭ
|   ئالاقىلىشىڭ
|   باش بەت
www.max-al.com
Русский    |
English   |

ئويغۇرچە

                                           

   

     
 
 

شىركەت ھەققىدە

     شىركەت قۇرۇلىشى: مەشئەل شىركىتى شېنجېندا 2005- يىلدىن باشلاپ ئۇدا 3 يىل سودا قىلىش جەريانىدا جاپالىق تىرىشىش، ئىزدىنىش، ئەمىلىي تەجرىبە توپلاش، جۇڭگۇ ۋە چەتئەلنىڭ داڭلىق شىركەت كارخانىلىرى بىلەن سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئىزچىل مال تەمىنلەش ئارقىلىق زور ئىشەنچ ۋە غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش نەتىجىسىدە 2008 - يىلى بۇ ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدە رايۇندا رەسمى شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ شىنجاڭدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە چوڭ كىچىك تجارەتچى كارخانىچىلارنىڭ شېنجېندىن بىۋاستە زاۋۇت باھاسىدا توپ مال كىرگۈزۈش ۋە ئەرزان باھادا ئەڭ يېڭى ئىلغار مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە شارائىت ۋە سودا پۇرسىتى ھازىرلىدى.

     تىجارەت شەكلى: ئاساسلىق ئېلىكترون بۇيۇملىرى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش؛ زاۋۇت باھاسىدا توپ تارقىتىش ۋە ئەڭ تۆۋەن باھادا پارچە سېتىش. (ئىزاھات:  مالنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ۋە خاراكتىرىگە ئاساسەن ئۇمۇمىي قىممىتى 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولغان مالغا %3 تىن %5 كىچە ، ئۇمۇمىي قىممىتى  100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مالغا %3 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ھەق ئېلىنىدۇ. مال باھاسىغا باشقا ھىچقانداق باھا قوشۇلمايدۇ. مال يۈك توشۇش شىركەتلىرى ئارقىلىق ئايروپىلان ياكى پويىز بىلەن ئەۋەتىلىدۇ. توشۇش ھەققىنى مال سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. پارچە سېتىۋالغۇچىلار پارچە سېتىلىش باھاسى بۇيىچە ئاۋال پۇل تاپشۇرىدۇ ئاندىن ئاساسلىق تېز پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ. پوچتا ھەققىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.)

 
 

       سودا ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى: شىركىتىمىز شېنجېنغا كىلىپ تروپىك بەلباغ دېڭىز بويى تەبىئىي ئېكىئولوگىيەلىك مۇھىتى، گۈزەل شەھەر مەنزىرىسى ۋە زامانىۋى باغچا قۇرۇلۇشلىرىنى ساياھەت قىلغۇچىلارغا ۋە ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرگە كىلىپ سودا پۇرسىتى ئىزدىگۈچىلەر، مال سېتىۋالغۇچىلار، زاۋۇت كارخانىلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلماقچى بولغانلار ياكى شېنجېندىكى خەلقئارالىق چوڭ كارخانىلار ۋە ئويغۇر مىللى كارخانىلىرىمىزنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلارغا يول باشلاش، يىتەكچىلىك قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، تەرجىمانلىق ۋە ۋاكالىتەن بېجىرىش ... قاتارلىق يېڭى مۇلازىمەت كەسپىنى يولغا قويدى. بۇ ئارقىلىق ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى تېجەش، بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

      شىركەت مەھسۇلاتى ۋە ئەڭ چوڭ مال تۈرى: maxal ماركىلىق CD ۋەDVD يازغىلى بولىدىغان ئوپتىك دېسكىلىرى، ماشىنا mp3 ، بارماق دېسكا؛ چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئالاھىدە باھالىق يېڭى خاتىرە كومپيوتېرلار؛ كومپيوتېرغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دېتال ۋە زاپچاسلار؛ ھەر خىل ھەمدەم بويۇملار... قاتارلىق بارلىق يىنىك سانائەت ، ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خاتېرە كومپيوتېر شىركىتىمىز نوقتىلىق راۋاجلاندۇرىدىغان ساھە.

      شىركىتىمىز ۋاكالەتچى بولغان ۋە دوسلۇق سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان چوڭ شىركەت كارخانىلار:Great Wall )长城)گوروھى، Microlab شىركىتى،( 航嘉(huntkey شىركىتى، 神舟 كومپىيوتېر شىركىتى، سىنگاپور( JVJ (Just vived joy ئېلىكترون شىركىتى، گۇاڭجۇ 终结者 (ئاخىرلاشتۇرغۇچى)ئېلىكترون شىركىتى، شېنجېن سۇلماس ئېلىكترون شىركىتى، شېنجېن ئۆزتىل ئېلىكترون تەرەققىيات شىركىتى ، شېنجېن ئېزىز ئېلىكترون شىركىتى، شېنجېن قۇتلان سودا شىركىتى، ..... باشقىلار.

      شىركەت ۋەدىسى: سەمىمىي راستچىل بولۇش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، خېرىدارلارنى رازى قىلىش، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، ۋەدىسىدە تۇرۇش.

      شىركەت نىشانى: ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش؛ خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە مايىللىقىغا ئېرىشىش؛ زامانىۋى سودا شەكلى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىيات قەدىمىگە يىتىشىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش؛ دۇنياۋى رىقابەت كۈچى ۋە ئەمىلىي كۈچكە ئىگە زامانىۋى شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش.

 
 

دوستانە ئۇلىنىش:

      

 
 

شىركەت ئادېرسى   :     شېنجېن شەھەر فۇتىيەن رايۇنى نەنيۈەن يولى 66-نومۇر(جياجاۋيې مەركىزى بىنا ) 922- ئىشخانا
تېلفۇن     :     2331  2231 -0755                           يانفون    :    13723700026  
  (فاكىس      :      2331 2231 (0755                irfan@max-al.com     :      ئېلخەت
58633487   :        QQ                  max-all     :    skype
   ئۈرۈمچىدىكى تارماق شىركەت ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھەر قىزىل بايراق يولى كومپيوتېر شەھەرچىسى 4- قەۋەت 211- نومۇر

ئالاقىلاشقۇچى: تۇرسۇن ئىمىن  ، يانفون:13079914234، چ چ: 359076357، tursun@max-al.com: ئېلخەت

Copyright© 2007  max-al.com All rights reserved.      深圳市麦莎丽国际贸易公司  版权所有
بارلىق ھوقۇق  مەشئەل شىركىتىگە تەۋە