باش بەت    |    سۆز قالدۇرۇڭ    |   ئالاقىلىشىڭ                                                               www.max-al.com                                                                            Русский    |    English   |   ئويغۇرچە  

                                           

 

     

 

 

مۇلازىمەتلىرىمىز

       مال تەمىنلەش مۇلازىمىتى:

   ● ئېلىكترون بۇيۇملىرى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش: مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ سۈپەت ۋە باھا تەلىپىگە ئاساسەن زاۋۇت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيمىز، زاۋۇتنىڭ سان ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەھۋالدا ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ئۆز ماركىسىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا يېقىندىن ھەمدەم بولىمىز ۋە مەسلىھەت بېرىمىز. مال ياساتقۇچى ئۆزى كىلەلمىگەن ياكى كەلمىگەن ئەھۋالدا زاۋۇت بىلەن توختاملىشىش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىمىز. مەھسۇلات سۈپىتى ۋە باھاسىنى مال ئىگىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تېرىشىمىز. مۇلازىمەت ھەققى ئىشلەپچىقىرىلغان مالنىڭ ئۇمۇمى سوممىسى ۋە ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

   ● زاۋۇت باھاسىدا توپ تارقىتىش ۋە ئەڭ تۆۋەن باھادا پارچە سېتىش:  بۇ يەردىكى زاۋۇت باھاسى كۆپىنچە شېنجېندىكى توپ سېتىلىش باھاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇمۇمەن مال سېتىۋېلىش سانى 1000 تالدىن يۇقۇرى بولغانلار ھەقىقى زاۋۇت باھاسىغا ئېرىشەلەيدۇ. مالنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالى ۋە خاراكتىرىگە ئاساسەن ئۇمۇمىي قىممىتى 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولغان مالغا 3% تىن 5% كىچە ، ئۇمۇمىي قىممىتى  100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مالغا 3% ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ. مال باھاسىغا باشقا ھىچقانداق باھا قوشۇلمايدۇ. مال يۈك توشۇش شىركەتلىرى ئارقىلىق ئايروپىلان ياكى پويىز بىلەن ئەۋەتىلىدۇ. توشۇش ھەققىنى مال سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. پارچە سېتىۋالغۇچىلار پارچە سېتىلىش باھاسى بۇيىچە ئاۋال پۇل تاپشۇرىدۇ ئاندىن ئاساسلىق تېز پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ. پوچتا ھەققىنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

 

       

       سودا - ساياھەت مۇلازىمىتى:

   سودا يىتەكچىلىكى: شېنجېنغا كىلىپ مال سېتىۋالماقچى ، ئىش ئىزدىمەكچى ياكى باشقا (قانۇنلۇق) سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان، ئەمما يات شەھەردە تەمتىرەپ قېلىش ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كىلىپ چىقىش ، ئىقتىسادى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ۋە تىل قىيىنچىلىقى قاتارلىق ئەمىلىي مەسىلىلەر تۈپەيلى كىلىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان، قولىدىكى مەبلەغنى ئىشلىتەلمەيۋاتقان ، يېڭى سودا پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان تىجارەتچى سودىگەرلەر ۋە چوڭ كىچىك كارخانىچىلارغا شۇنداقلا شېنجېندىكى چوڭ كىچىك زاۋۇت كارخانىلار ياكى ئويغۇر مىللى شىركەتلىرىمىز بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقچى ياكى زىيارەت قىلماقچى بولغانلارغا يول باشلاش، يىتەكچىلىك قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، تەرجىمانلىق ۋە ۋاكالىتەن بېجىرىش ... قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى تېجەش، بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش نىشانىغا يىتەلەيسىز. يۇقارقى مۇلازىمەتلىرىمىز بىر گەۋدىلەشكەن، سېستىمىلاشقان ۋە كەسىپلەشكەن بولۇپ سىزنىڭ سودا پائالىيىتىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.

     ساياھەت يىتەكچىلىكى:  شېنجېن دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ئالاھىدە شەھەر بولۇپ ئىقتىسادى ۋە  جۇغراپىيەلىك ئورنىمۇ ئىنتايىن ئەۋزەل، ئىقتىسادى جەھەتتە شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنى بىلەن قوشنا، جۇغراپىيەلىك ئورنى تروپىك بەلباغ بىلەن سۇبتروپىك بەلباغ ئارلىقىغا جايلاشقان،  زامانىۋىلاشقان ھەيۋەتلىك گۈزەل شەھەر قۇرۇلۇش مەنزىرىسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەبىئى ئېكىئولوگىيەلىك مەنزىرە رايۇنى ، دېڭىز ساھىلى، تەبىئىي قوغدىلىش رايۇنى، شىياڭگاڭنى يىراقتىن كۆرۈش سۇپىسى، دېڭىز ئاستى دۇنياسى، دۇنيا كۆزنەك باغچىسى، مىللەتلەر باغچىسى، شاتلىق باغچىسى، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئىشلىتىشتىن توختىغان روسىيەنىڭ مىڭسىك ھەربىي ئاۋىئاماتكىسى ئېچىۋىتىلگەن كۆرگەزمە باغچىسى.... قاتارلىق نۇرغۇن تەبىئىي مەنزىرلىك ساياھەت نوقتىلىرى ، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرى ۋە تۆت پەسىل يېشىللىققا پۈركەنگەن قىش بولماس شەھەر مەنزىرىسى سىزنىڭ كىلىپ ساياھەت قىلىشىڭىزنى كۈتمەكتە. ئەڭ تۆۋەن خىراجەت بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شېنجېننى ساياھەت قىلىش ئارزۇيىڭىز مەشئەل ساياھەت يىتەكچىلىك مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقۇسى! مۇلازىمىتىمىز ئەتراپلىق بولۇپ، ئايروپىلان بېلىتى ۋە مېھمانخانا زاكاس قىلىش؛ مەخسۇس ماشىنا بىلەن كۈتىۋېلىش ۋە ساياھەت قىلىش؛ ساياھەت جەريانىدا تەرجىمانلىق قىلىش؛ سۆرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇش؛ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئويغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلىرىدا غىزالاندۇرۇش؛ بىخەتەر، پاكىز، ئىشەنچىلىك مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇرۇش، جۈمە كۈنى مەسچىتكە بېرىش ... قاتارلىق جەھەتلەردە ساياھەتچىلەرنىڭ  ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرىلىدۇ.

    مۇلازىمەت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى: سودا ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئادەم سانى ۋە ۋاقتى چەكلەنمەيدۇ. بارلىق چىقىملارنى ئۆزى چىقىرىدۇ. 3 كۈندىن تۆۋەن تۇرغۇچىلارنىڭ كۈنلۈك مۇلازىمەت ھەققى 400 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە، 3 كۈندىن ئۇزۇن تۇرغۇچىلارنىڭ كۈنلۈك مۇلازىمەت ھەققى 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئەمىلى تۇرغان ۋاقتى ، تىجارەت دائىرىسى ۋە تەرجىمانلىق قاتارلىق ئۇمۇمىي ئامىلغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ ۋە توختام تۈزۈلۈپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ساياھەت ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى 3 كۈن بولۇپ، شىركىتىمىز 3 كۈن ئىچىدە نوقتىلىق ساياھەت رايۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساياھەت قىلدۇرۇپ تۈگىتىشكە كاپالەت بېرىدۇ.1 كۈندە شېنجېننىڭ ھەقسىز تەبىئىي ساياھەت رايۇنلىرى، دېڭىز ساھىلى ۋە باغچا ئالدىنى ساياھەت قىلىشقا بولىدۇ. قانچە كۈن تۇرۇش، قايسى جايلارغا بېرىش ساياھەتچىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. بارلىق چىقىملارنى ئۆزى چىقىرىدۇ. شېنجېندا تۇرغان ئۇمۇمىي كۈن سانىغا ئاساسەن 1 دىن 3 كىچە ئادەم بولسا بىر كۈنلۈك ئۇمۇمىي مۇلازىمەت ھەققى 500 يۈەن، 3 تىن كۆپ ئادەم بولسا  ھەربىر ئادەم كۈنلىكى 150 يۈەن بولىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئەمىلى تۇرغان ۋاقتى ۋە ئادەم سانىغا ئاساسەن تەڭشىلىدۇ ۋە توختامغا كىرگۈزىلىدۇ. كوللىكتىپ ساياھەت قىلغۇچىلار ۋە ئىدارە ئورگانلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ. شېنجېندىكى 3 كۈنلۈك ئۇمۇمىي خىراجىتىڭىز (شېنجېنغا كىلىپ كىتىش كىراسىدىن باشقا) نورمال بولغاندا 1 ئادەم تۆۋەن بولغاندا 1000 يۈەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 يۈەندىن ( مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەگەر ئۆز ئالدىڭىزغا قارىغۇلارچە ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ، جۇڭگودىكى ئىستىمال سەۋىيەسى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ شەھەردە 2000 يۈەن بىلەن 3 كۈندە ھەممە يەرنى ساياھەت قىلالامسىزكىن؟

    سودا ياكى ساياھەت قىلغۇچىغا قويىلىدىغان تەلەپ: 18 ياشتىن يۇقىرى 60 ياشتىن تۆۋەن، بەش ئەزاسى ساغلام بولغان، يۇمۇملۇق كېسىلى ياكى باشقا چوڭ كېسىلى يوقلار؛ سىياسى ياكى باشقا جىنايى قىلمىشى يوقلار كىملىك نومۇرى ۋە ئەسلى ئىسمى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. قاتبوي ئاياللارغا چوقۇم يولدىشى ھەمرا بولىشى ، 6 ياشتىن كىچىك بالىلارنى ئېلىپ كەلمەسلىكى كېرەك.

 

 

شىركەت ئادېرسى   :     شېنجېن شەھەر فۇتىيەن رايۇنى نەنيۈەن يولى 66-نومۇر(جياجاۋيې مەركىزى بىنا ) 922- ئىشخانا
تېلفۇن     :     2331  2231 -0755                           يانفون    :    13723700026  
  (فاكىس      :      2331 2231 (0755                irfan@max-al.com     :      ئېلخەت
58633487   :        QQ                  max-all     :    skype
 

Copyright© 2007  max-al.com All rights reserved.      深圳市麦莎丽国际贸易公司  版权所有
بارلىق ھوقۇق  مەشئەل شىركىتىگە تەۋە